ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى توسالغۇسىز ئىجرا قىلىنماقتا

خىتاي 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىردەك ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلماقتا ۋە ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىگە ئاساسەن ئائىلىسىگە كۆزىتىشكە قويۇلغان خىتايلار بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. خۇددى بۇرۇن تارقالغان سىنلاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشاش، مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئەرلەر كۆرۈنمىگەن. ئۈستەلگە ھاراق، تاماكا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي ئەرنىڭ كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدىكى بۇ رەزىل سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلىپلا قالماي، بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى زەخىملەندۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1481 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2021 20:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق