ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا قاتتىق رەددىيە بەردى

ئاۋسترالىيە ئا ب س خەۋەرلىرىنىڭ 7-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ كانبېررادىكى باش ئەلچىخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئاۋسترالىيە مۇخبىرلىرىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن يالغان تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرسەتكەن. يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تور ئارقىلىق قاتناشقان.
يىغىندا سۆز قىلغان ئەركىن تۇنىياز: «ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىۋاتىدۇ. شىنجاڭ خەلقى گۈللەنگەن ۋە ئىناق ھالدا ياشىماقتا. چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە غەرب سىياسىيونلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ھەققىدە ساختا خەۋەر تارقاتتى» دەپ بىلجىرلىغان.
ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش بىلەن، قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ مەزكۇر يالغان تەشۋىقاتىغا كۈچلۈك، پاكىتلىق رەددىيە بەرگەن.

جەمئىيەت رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات تارقىتىشىغا يول قويغانلىقىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك» دېگەن ھەمدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىي جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە چاقىرغان.
ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان مامۇتجان ئابدۇرېھىم خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا پاكىت ئارقىلىق رەددىيە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئايالى، قىزى ۋە ئوغلى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ پاكىتلىق گۇۋاھلىقى بىلەن خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا رەددىيە بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاۋسترالىيەدىكى چوڭ تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2017-يىلىدىن بېرى ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق يالغان تەشۋىقات فىلىمىنى ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، مالايشىيا ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتە داۋاملىق قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان. بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا قارشى تەشكىللىگەن ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولغان.

بۇ خەۋەر 907 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق