كونيادا ئۈچ كۈنلۈك سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

بارىن جىھادىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسى ئۈچ كۈنلۈك سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.
سۈرەت كۆرگەزمىسى 5-ئاپرېل باشلانغان بولۇپ، كونيا كۈلتۈر باغچىسى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە بارىن جىھادى ۋە بارىن شېھىتلىرىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر، شۇنداقلا جازا لاگېرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شېھىتلەر، چېقىلغان مەسچىتلەر قاتارلىق خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تېررور سىياسەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىندى.

ئۈچ كۈن جەريانىدا كېلەچەك پارتىيەسىدىن بىر ھەيئەت، IHH ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتىدىن بىر ھەيئەت، بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە يەرلىك خەلق كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلدى.
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبە رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆرگەزمىگە كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى، يەرلىك ساقچىلارنىڭ ھەمكارلاشقانلىقىنى، كۆرگەزمە ئاپتوبۇس بېكەت ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى سەۋەبلىك، زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا تۈرك ياشلىرىنىڭ بارىن جىھادى ھەققىدە مەلۇماتى يوق ئىكەنلىكىنى، زىيارەتكە كەلگەن ياشلارغا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار: «سىلەرگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دەپ سوراشقانلىقىنى، كۆرگەزمىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1019 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق