خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىمىزنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي توغرا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 7-ئاپرېلدىكى باياناتىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرتىقانلىقىغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە: «تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىمىزنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىنكاسى پۈتۈنلەي توغرا ۋە مۇۋاپىق بولغان. بىز تۈركىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم مەيدانىنى، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى توغرا، مۇۋاپىق دەپ قاراپ، كونكرېت ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىنى قوشۇپ: « خىتاي تەرەپ ھەر قانداق ئادەم ياكى كۈچنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە بولغان ھەرقانداق خىرىسقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
ليۇ شاۋبىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللىغان ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنى نىشان قىلغان نومۇسسىز بايانلىرى قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان. ئىيى پارتىيەسى تەرەپ بۇنىڭغا: «قۇرۇق گەپنى قويۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار» دەپ رەددىيە بەرگەن.
بۇ مەسىلە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، ئاق پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ئەلىتاش ئومۇمىي يىغىندا: «خىتاي باش ئەلچىخانىسى دىپلوماتىك قائىدىلەردىن ھالقىپ كەتتى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 592 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2021 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق