خىتاي خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە قارشى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى كىنو ئىشلىدى

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا تەنقىدلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى كىنو ئىشلەپ چىققان.
«ناخشا ساداسىنىڭ قانىتى» ناملىق مەزكۇر كىنو ناخشا-ئۇسسۇل ئۇسلۇبىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي كىنوخانىلىرىدا قويۇلۇشقا باشلىغان. كىنودا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، خۇشال ھالدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغان كۆرۈنۈشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كىنو قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتوندىكى خادسېن ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقىنى تەنقىدلەپ: «ئۇيغۇرلار ناخشا ئېيتالايدۇ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ، شۇڭا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىدى، دېگەن ئۇقۇمنى ھېچكىم قوبۇل قىلمايدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرقانداق گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىمۇ يۈز بېرىۋېرىدۇ» دېگەن.
خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە ئىشلەپ چىققان مەزكۇر كىنودا بىر ئۇيغۇر، بىر خىتاي، بىر قازاق ئۈچ ياشنىڭ بىرلىكتە مۇزىكا غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت توقۇلما ھېكايە تەسۋىرلەنگەن.
كىنودا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە تولۇق سىڭىپ كەتكەنلىكىدەك بىر سۈنئىي ھالەت ياساپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇلار راۋان خىتايچە سۆزلەيدىغان، ئانا تىلىنى ئىشلەتمەيدىغان، خىتايلار بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىغان، ھاراقنى قانغۇدەك ئىچىدىغان، ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ھېچقانداق ئەسەر تېپىلمايدىغان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.
كانتېربۇرىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (University of Canterbury) خىتاي سىياسەت ئىشلىرى پىروفېسسورى ئاننى-مارى بىرادى (Anne-Marie Brady)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ تەشۋىقات سىستېمىسىنى 25 يىل تەتقىق قىلىش جەريانىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارالىق جەمئىيەتكە قارشى قىلغان تەشۋىقاتىنىڭ بۇنچىۋالا كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئىشلەپ تارقاتقان كىنودا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېكايىنىڭ رېئاللىق بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەنىلا قويۇق كۆزىتىش كامېراسى ۋە نازارەت تورى بىلەن قاپلانغانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرىدا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقتىن ئىبارەت تىراگېدىيەلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ كۆز بويامچىلىقى بىلەن كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 951 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 19:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق