ياپونىيە خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن. 90 مىنۇتلۇق سۆھبەت جەريانىدا مىنىستىر موتېگى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە تەۋەلىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتايدىن بۇ پائالىيەتلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
موتېگى سۆھبەتتە يەنە خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشقا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. يىغىن جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «ئادىل ۋە تەرەپسىز» سودىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي ۋىرۇسى ۋە كىلېمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى مۇزاكىرە قىلىنغان.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى ۋاڭ يىنىڭ 2020-يىلى نويابىردىكى توكيو زىيارىتىدىن كېيىنكى تۇنجى سۆھبىتى ئىكەن. خىتاي 2-فېۋرال رەسمىي قارار ماقۇللاپ، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە چەت ئەل پاراخوتلىرىغا قارشى قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بەرگەن. ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئەزالىرىمۇ 31-مارت خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا قارشى دېڭىز-ئوكيان قوغدىنىش قىسمىغا قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.

بۇ خەۋەر 925 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق