تۈركىيەدىكى بەش ۋىلايەتتە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

بارىن جىھادىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە بۇ تارىخىي ۋەقەنى تۈركىيە خەلقىگە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، 5-، 6-ئاپرېل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ بەش ۋىلايىتىدىكى ئالتە ئورۇندا سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرگەزمە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باشچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنلەر، ئەييۇب سۇلتان رايونلىرى، كونيادىكى كۈلتۈر باغچىسى، قەھرىمانماراشتىكى مىللىي ئىرادە مەيدانى، كاستامونۇدىكى نەسرۇللاھ جامە مەيدانى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلدى.


كۆرگەزمىگە بارىن شېھىتلىرىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر، شۇنداقلا جازا لاگېرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شېھىتلەر، چېقىلغان مەسچىتلەر قاتارلىق خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تېررور سىياسەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىندى. كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان تۈركىيە خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1155 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 19:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق