خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ سۆزلىرى تۈركىيەدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىيۇ شاۋبىن ئەلچىخانىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدىكى ھەنبەھرىلەنگەن مەزمۇنلار سەۋەبىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرىلغان.
خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىنى قوشۇپ: «خىتاي تەرەپ ھەر قانداق ئادەم ياكى كۈچنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە بولغان ھەرقانداق خىرىسقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ» دەپ يوللىغان.
لىيۇ شاۋبىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللىغان ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى مەنسۇر ياۋاشنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان مەزكۇر بايانلىرى تۈركىيەدە قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان.
ئىيى پارتىيەسى بۇنىڭغا تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «قۇرۇق گەپنى توختىتىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار» دېگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى ھەمبەھرىلىگەن مەزمۇنلار يەنە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن.
ئاق پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ئەلىتاش ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ دىپلوماتىك قائىدىلەردىن ھالقىپ ھەمبەھرىلىگەن بايانلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ ھەمبەھرىلەنگەن بايانلارنى توغرا دەپ قارىمايمىز. تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ نېمە دېيىش ۋە قاچان، قانچىلىك سۆز قىلىش ۋە بۇنى بېكىتىشنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېنىق ۋە ئوچۇق بىلدۈرىمىز. بۇ بىزنىڭ دېموكراتىك قائىدىمىزگە زىت ھەرىكەت شەكلى. مەن بۇنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچى» دېگەن.
ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋەكىلى ياۋۇز ئايرالئوغلى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مەسىلەن نېمە قىلماقچىسىلەر؟ ھەممىمىزنى جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلامسىلەر؟ بىزنى قىيىن-قىستاققا ئالامسىلەر؟ مەسچىتلىرىمىزنى چېقىۋېتەمسىلەر؟ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش، بىزنى تۈرمىگە تاشلامسىلەر؟ ئائىلىمىزنى ۋە ئىپپىتىمىزنى دەپسەندە قىلامسىلەر؟»
كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەھمەد داۋۇتئوغلىمۇ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ھەددىڭلارنى بىلىڭلار! بۇ دېگەن ئەنقەرە!» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
بۇ ھەقتە تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان ئىيى پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇتفى تۈركقان: «خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەمبەھرىلىگەن بايانلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارە ئارىلاشقانلىقتۇر. تۈركىيە دۆلىتى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە بۇ سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغان باش ئەلچىنى "قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى" دەپ ئېلان قىلىشى كېرەك» دېگەن.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى يوشۇرۇشقا كۈچى يەتمىگىنىگە ئوخشاش، ئىشغالىيەتكە قارشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللىغان پۇقرالىرىمىزنى، سىياسىيونلىرىمىزنى تۈركىيىدە بوزەك قىلىشىغا يول قويمايمىز. خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئەلچىخانىنىڭ قالايمىقان يازمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن» دېگەن.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيە سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە قاراتقان يىرگىنچلىك، ھاكاۋۇرلارچە ۋە ھەددىدىن زىيادە تەھدىت بايانلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقتا. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىز بۇ ھەقتە مۇۋاپىق پوزىتسىيە بىلدۈردى» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ تامامەن توغرا ۋە مۇۋاپىق بولغانلىقىنى، ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق