بەش دۆلەت خىتايغا بېسىم قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە فىرانسىيە خىتاينىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكىتىگە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك دىيالوگى» مۇنبىرىگە تەۋە ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە 5-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۈچ كۈنلۈك مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ مەزكۇر مۇنبەر 2019-يىلى مىنىستىر دەرىجىلىككە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى خىتايغا قارشى يەنە بىر چوڭ ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.
ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مانېۋىرنىڭ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى، ھاۋا مۇداپىئەسى مەشىقى، قورال ئېتىش مەشىقى، تاكتىكىلىق مانېۋىر ۋە دېڭىز ئۈستى ئارقا سەپ تولۇقلاش مانېۋىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئىسابېل سېينت مېزاردنىڭ (Isabelle Saint-Mezard) بىلدۈرۈشىچە، بەش دۆلەت بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر ئارقىلىق، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك تەرتىپنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، گېرمانىيەمۇ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دېموكراتىك شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، 8-ئايدا قوغدىغۇچى پاراخوت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى گاۋ شيۇچېڭ 5-ئاپرېل ئوخشاش كۈندە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى تەيۋەننى چۆرىدىگەن دېڭىز تەۋەلىكىدە مەشىق تەشكىللەنگەنلىكىنى دەلىللىگەن ۋە بۇنىڭ دائىملىق مەشىقى ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە پىلان بويىچە ئوخشاش مانېۋىرلارنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن ھاۋا ئارمىيەسىمۇ 5-ئاپرېل خىتاي ھەربىي ئايروپىلانى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئون ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 802 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق