فېيسبۇك خىزمەتچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فېيسبۇك خىزمەتچىلىرى ئۆز سۇپىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر قىسىم فېيسبۇك خىزمەتچىلىرى ئىچكى سۆھبەتلىرىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي فېيسبۇك شىركىتىنى تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.
خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتايغا جازا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، فېيسبۇك سۇپىسىدا بىر قىسىم خىتاي ئورگانلىرىنىڭ ئېلان يازمىلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپ تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر ئېلانلاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ «تەرەققىياتى» كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان.
فېيسبۇك ھازىرچە بۇنىڭغا بىرەر تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە قارار چىقارمىغان. خەۋەردار شەخسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، فېيسبۇكنىڭ نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 903 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق