كۆك ئاي جەمئىيىتى رامىزانلىق يېمەكلىك تارقاتتى

ئۆز خەۋىرىمىز: كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى يېقىنلىشىۋاتقان رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقئارادىكى ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق 400 ئائىلىگە ئائىلىگە ئۇن، گۈرۈچ، ماي ۋە خورما قاتارلىق 300 لىرا قىممىتىدىكى يېمەك-ئىچمەك قاچىلانغان يەشىك تارقىتىپ بەردى.
كۆك ئاي جەمئىيىتى ئالدىنقى ھەپتە يەنە ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى يوق ئۇيغۇرلارغا بىم تاللا بازىرىنىڭ 100 لىرالىق كارتىسىدىن 200 دانە تارقىتىپ بەرگەن.
كۆي ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ خەلقئارادىكى ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا، ياكى كېسەللىك، ياشىنىپ قېلىش سەۋەبلىك ئىشتىن قالغانلارغا، ئىگە-چاقىسىز يېتىملارغا ئاكتىپ ياردەم قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1068 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق