ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىشقا ئون ئاي قالغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەيئەت كومىتېتى 2019-يىلى 9-ئايدا خىتاينىڭ خېڭيۈەنشياڭ شىركىتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى مۇراسىمدا ئىشلىتىلىدىغان رەسمىي فورما بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، بۇ شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تارماق شىركىتى بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشنى ئاشكارا تەشۋىق قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خېڭيۈەنشياڭ خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىگە ئولىمپىك كىيىملىرىگە ئىشلىتىلگەن پاختىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خېڭيۈەنشياڭنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى ھەققىدىكى گۇۋاھنامە بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى، بۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى فورمىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان پاختىنىڭ خىتاينىڭ سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ باياناتىدا بۇنىڭ قايسى ئورگاننىڭ گۇۋاھنامىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتمىغان.
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان شىركەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، مەھسۇلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىشىلا ئەمەس، بەلكى مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ماختاپ تارقىلىشىنىڭمۇ ئەخلاقى نۇقتىدىن ئەيىبلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 6-ئاپرېل ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايس (Ned Price) مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىرلەشمە بايقۇت مەسىلىسى ئەلۋەتتە بىز مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان بىر ئىش» دېگەن.
ئۇ يەنە: «قوللانماقچى بولغان ئۇسۇل بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگىلا ئەمەس، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ» دېگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە تېخى قارار چىقارمىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى كېلەر يىلى 4-فېۋرالدىن 20-فېۋرالغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يەنە ئون ئاي قالغان. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن داۋاملىق بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە ئارىسىدا خىتايغا قارشى كۈرەشتە بىرلىك بار بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىدە يەنىلا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 957 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق