تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 50 مىڭغا يېقىنلاشتى (6-ئاپرېل )

6-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 49584كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 271 مىڭ 547 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 49584 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2003 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 211 كىشى قازا قىلىپ، 28498 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 159 مىڭغا، قازا قىلغانلار 32667گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2477گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 733 قېتىم كۆرۈلدى
07/04/2021 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق