ھىندىستان خىتاينى لاداختىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تېزلىتىشكە چاقىردى

مىللىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان خىتاينى ھىمالايا تېغىدىكى چېگرا ماجىراسى بولۇۋاتقان لاداخ رايونىنىڭ شەرقىگە ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تېزلىتىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئارىندام باچى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ خىتاي تەرەپنىڭ رايوندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى بالدۇرراق تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىش ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدا توققۇزىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتتە چېگرادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ۋە لاداخ رايونىنىڭ شەرقىي بۆلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش قارار قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ماجىراغا سەۋەب بولغان چېگرا رايونى ئېقىن، كۆل، مۇزلۇق ۋە قارلىق چوققىلار ئىكەن. خىتاي ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پىرادېش ئۆلكىسىگە تەۋە 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەرنى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ھىندىستان ئاقساي چىن ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنى خىتاي ئىگىلىۋالدى، دەپ قارايدىكەن. خىتاي ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرى 2020-يىلى 6-ئايدا لاداخ رايونىنىڭ گالۋان ۋادىسىدا توقۇنۇشقان، ۋەقەدە 20 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن. خىتاي ۋەقەدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، توقۇنۇشتا ئۆزىنىڭ تۆت ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1064 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق