پورتۇگالىيە ئەقىل ئامبىرى: خىتاينىڭ ياۋروپا تەتقىقات ئورگانلىرىغا قاراتقان جازاسى مۇستەبىتلىكنىڭ روشەن نامايەندىسى

مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پورتۇگالىيە ئەقىل ئامبىرى «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى»(IPRI)نىڭ تەتقىقاتچىسى راكېل ۋازپىنتو يېڭى ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىغا قاراتقان جازاسىنىڭ مۇستەبىتلىكنىڭ روشەن سىگنالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئىلمىي جەمئىيەتنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئورتاق قوغداشقا چاقىرغان.
ۋازپىنتو ماقالىسىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بىر نەچچە ھەپتە كەسكىن كۈرەش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە تەشكىلاتلاردىن دەرھال ئۆچ ئالغانلىقىنى، ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىردەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىلمىي ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشنىڭ تەس ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ مەزكۇر تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىنى ئۈزسەك، ئۇلار خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر تەتقىقات ئورگانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دەپ خام خىيال قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە ئىلمىي ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ياۋروپادىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كەسىپداشلىرىنى قوللاپ، ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئەركىن پىكىر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ دېموكراتىك ھاياتنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى، چوقۇم ئىلىم ئەركىنلىكىنى قوغداپ، خىتاي رېجىمىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1073 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2021 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق