تۈرمىدە ئىشارەت بىلەن مەخپىي ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ جازا مۇددىتى ئون نەچچە يىل ئۇزارتىلغان

يېقىندا بىر قىسىم تور بەتلەردە خىتاينىڭ «ھۆكۈم ئارخىپلىرى تور بېكىتى»دىكى بىر ھۆججەت ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئىسمايىل سىدىق ئىسىملىك ئۇيغۇر كىشى ئىشارەت بىلەن مەخپىي ناماز ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك، جازا مۇددىتى 13 يىل ئۇزارتىلغان.
2019-يىلى 17-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسمايىل سىدىق 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇققا قۇترىتىش» دېگەن باھانە بىلەن يېڭىسار خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىنغان ۋە 7-دىۋىزىيەسى كۇيتۈن تۈرمىسىگە قامالغان.
ھۆججەتتە ئىسمايىل سىدىقنىڭ 2018-يىلى 25-يانۋار ۋە 17-فېۋرال ئىشارەت بىلەن مەخپىي ناماز ئوقۇغانلىقى، 2018-يىلى 3-مارت يەنە ھاجەت قىلىش باھانىسى بىلەن ھاجەتخانىدا تاھارەت ئالغانلىقى، كامېردىكى يەنە بىر جىنايەتچىنىڭ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بايقاپ توسۇماقچى بولغانلىقى، ئىسمايىل سىدىقنىڭ بولسا: «سەنمۇ ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق ئۇيغۇرنى چاقامدۇ؟» دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى تۆھمەتلىرى بىلەن خىتاي سوت مەھكىمىسى «تۈرمىدە كۆپ قېتىم مەخپىي دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، نازارەت تەرتىپىنى بۇزۇش، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن ئىسمايىل سىدىقنىڭ جازا مۇددىتىگە 13 يىل قوشقان ۋە ئەسلىدىكى جازا بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتىنى 20 يىل قىلىپ بېكىتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىمۇ دىنىي ئېتىقادنىڭ ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ھەرگىز يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1793 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2021 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق