يېڭىدىن ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى

يېقىندا خاككېرلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان شاڭخەي بىخەتەرلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق نازارەت سىياسىتىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئاجىز مۇلازىمەت نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، شاڭخەي ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر مىليون يۈز مىڭدىن ئارتۇق ھۆججەت ۋە كۆزىتىش خاتىرىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى، ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى (ABC) ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەر خىتاينىڭ زور كۆلەملىك كۆزىتىش سىستېمىسىنى چۈشىنىشتە ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ھۆججەتلەردە يەنە، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار نازارەت قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش دائىرىسىدە تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا بەش ياشلىق بالىلار ئىكەن.
ئاۋسترالىيە ABCخەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا سابىق ئىستىخبارات ئەمەلدارى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سودا رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 161 ئاۋسترالىيە پۇقراسىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلانغان. ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى بۇ ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ شاڭخەي ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن كۆزىتىش نىشانى قىلىپ بېكىتىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سوفىي رىچاردسون (Sophie Richardson) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ. ئەمما كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ ياكى سانلىق مەلۇماتنىڭ قانداق ئورۇنغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي بىلمەيدۇ» دېگەن.
بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا يەنە ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇماندارى» دەپ ئاتالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نازارەت قىلىنىش، تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە سوراق قىلىنىش خاتىرىلىرى بار بولۇپ، خىتاي توپلىغان زور مىقداردىكى قارا تىزىملىككە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسىمى دەپ قارالغان. بۇ تىزىملىك يەنە 400 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاران بەش ياش ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا تەخمىنەن 8000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر «تېررورلۇققا چېتىشلىق» ۋە ياكى «جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن خاتىرىلەنگەن.
ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن كۆپ قېتىم ئەرز قىلغان ۋە ئەيىبلىگەن پۇقرالارمۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆزىتىش نىشانى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا چەت ئەل شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنىڭمۇ نازارەت قىلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ (ASPI) ئالىي ئانالىزچىسى سامانسا خوفمەن (Samantha Hoffman) بۇ ھەقتىكى قارىشىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ زور كۆلەمدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1100 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2021 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق