خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ساختا چەت ئەللىك ژۇرنالىست توقۇپ چىقىش سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە ساختا فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست توقۇپ چىققان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆزىنى فىرانسىيەلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست دەۋالغان لۇرېن بۇموند (Laurène Beaumond) ئىسىملىك بىر كىشى خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئورگان تاراتقۇلىرىدا، جۈملىدىن خىتاي خەلقئارا رادىيوسى ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چەت ئەل قانىلى قاتارلىق ئورۇنلاردا ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى مەزمۇن خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقاتلىرى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك چىققان.
فىرانسىيە خەلقئارا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-مارت خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ فىرانسىيە تور بېكىتى بۇ ئاتالمىش «فىرانسىيەلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست»نىڭ ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ «مېنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى يازمام ساختا خەۋەرلەرنى توسۇپ قالغۇسى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ فىرانسىيەلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست ئىكەنلىكىنى، خىتايدا يەتتە يىل ياشىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرغانلىقىنى، 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاننى بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى، فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى داۋا قىلغان.
ھالبۇكى، فىرانسىيەنىڭ «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرلىق گۇۋاھنامىسى تارقىتىدىغان فىرانسىيە كەسپىي مۇخبىرلار سالاھىيەت كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لۇرېن بۇموند ئىسىملىك ژۇرنالىستنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا يوقلۇقىنى بايقىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سوربوننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات ۋە سەنئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، بېيجىڭغا بېرىشتىن بۇرۇن پارىژدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلاردا ئىشلىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ مەزكۇر ئورگانلاردا ئىشلىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خاتىرە تېپىلمىغان.
خىتاي خەلقئارا رادىيوسى 31-مارت مەزكۇر ساختا مۇخبىرنىڭ ماقالىسىنى يەنە ئېلان قىلغان. ماقالىنىڭ مەزمۇنى فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئىكەنلىكىنى، ئاسىيا ئەدەبىياتى ۋە خەلقلىرىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ماقالىدە يەنە فىرانسىيەگە مۇراجىئەت قىلىپ، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسىنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش مۇستەقىل ژۇرنالىستنىڭ ئىسمى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا پەيدا بولغان. فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئانتوين بونداز (Antoine Bondaz) ئالدى بىلەن بۇ ئاتالمىش «مۇستەقىل ژۇرنالىست»قا قارىتا ئۆزىنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تىۋىتتېردا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: «تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتىمەن، تېخى ئەمدىلا فىرانسىيە ئۈن-سىن باشقۇرۇش ئالىي كومىتېتىدىن فىرانسىيەدە فىرانسۇز تىلىدا تارقىتىش ئىجازىتى ئالغان خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېكىتى ساختا ماقالە ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلدى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1120 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2021 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق