تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (1-ئاپرىل)

1-ئاپرىل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 40806گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 243 مىڭ 738 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 40806 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1424 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 176 كىشى قازا قىلىپ، 20817 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىليون 35 مىڭغا، قازا قىلغانلار 31713كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2135 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 936 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2021 10:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق