خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى زور كۆلەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن تۈركىيە باشچىلىقىدىكى بىر قانچە دۆلەتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» شوئارى بىلەن زور كۆلەملىك بىرلەشمە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزاسى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تۈركىيەدىكى يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، مۇنبەر خەلقئارادا «يالغانچىلار كۈنى» دەپ تونۇلغان 1-ئاپرېل كۈنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسىتىدە «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» شوئارى بىلەن تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتكە 34 دۆلەتتىكى 200گە يېقىن تەشكىلات ئاۋاز قوشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردا بايانات ئېلان قىلىندى.
ئىستانبۇلنىڭ بەيازىت مەيدانىدا ئېلان قىلىنغان بايانات ئالدى بىلەن خەلقئارا مۇساپىرلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ئۇغۇر يىلدىرىمنىڭ باياناتى بىلەن باشلاندى. ئۇ باياناتىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىدە باشلامچىلىق رولىنى ئېلىشقا، بارلىق ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئارقىدىن İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە يالغان تەشۋىقات تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە خەلقى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلالمايدىغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
دوغۇش جامەسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى رەئىسى مەھمەت تالۇ، يېتەكچى ئىمام-خاتىپلار جەمئىيىتى رەئىسى تايفۇر ئەسەن، ئەركىن تەپەككۇر ۋە تەلىم-تەربىيە ھوقۇقى جەمئىيىتى رەئىسى ھۈليا شەكەرجى خانىم، ھەق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى فېدېراتسىيەسى رەئىسى مۇستافا سەما سۈرۈجۈ، جاھاننۈما جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى سەردار ئاكچە قاتارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشقا چاقىردى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرەددىن ئىزباسار بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشى خىتاينى جاسارەتلەندۈرگەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مەلىكە خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە جازا لاگېرىغا قامالغان ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

İHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى شۆبىلىرىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا پائالىيەت تەشكىللىدى. تۈركىيەنىڭ 21 ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن سىرت، 22 ۋىلايەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. يەنە 40 ۋىلايەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەخسۇس تەييارلانغان ماسكا تاقاپ، پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ پىيادە يۈرۈش قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەسۋىرلەنگەن كىتابچە ۋە ماسكا تارقىتىلدى.

بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت توققۇزدا تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى 200 گە يېقىن تەشكىلات ۋە جەمئىيەت بىرلىكتە تىۋىتتېردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» شوئارى بويىچە ھەشتەگ پائالىيىتى پىلانلىغان بولۇپ، بارلىق تۈركىيە خەلقىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.

بۇ خەۋەر 1278 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2021 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق