ب ب س نىڭ داڭلىق مۇخبىرى تەھدىت سەۋەبلىك خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى

ئەنگلىيە ب ب س خەۋەر تورىنىڭ نىڭ 31-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب ب س نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق داڭلىق مۇخبىرى جون سۇدۋورس (John Sudworth) تۈرلۈك تەھدىتلەر سەۋەبلىك خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىكى چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسى ۋە سۇدۋورسنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلەر سەۋەب بولغان. ب ب س بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «سۇدۋورسنىڭ خەۋەرلىرى خىتاي دائىرىلىرى دۇنيانىڭ بىلىشىنى خالىمىغان ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىدى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇدۋورس توققۇز يىلدىن بېرى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قېتىم خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. سۇدۋورس ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئىشلەپ تارقىتىپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇپ قالغانلىقىدىن غەزەپلەنگەن خىتاي ب ب س نى قاتتىق ئەيىبلەپ: «ياسالما خەۋەر تارقاتتى» دەپ بىلجىرلىغان، شۇنداقلا سۇدۋورسقا قارىتا تەھدىت ۋە ھاقارەتنى كۈچەيتكەن. تىۋىتتېردىكى مەلۇماتلار ئاساسلانغاندا، سۇدۋورس 23-مارت ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ خىتايدىن ئايرىلىپ، تەيۋەنگە ئورۇنلاشقان.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەل تاراتقۇ ئورگانلىرى ۋە مۇخبىرلىرىغا نازارەت ۋە بېسىمنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىلا 18 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مۇخبىرنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.

بۇ خەۋەر 1016 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2021 18:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق