خۇاچۈنيىڭ: ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 30-مارت خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك گۇمانىغا قارىتا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئارىلاشمىغانلىقىنى، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت بۇ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى ۋە بارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروس ئادانوم تەكشۈرگۈچىلەرنى ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى نەزەرىيەسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا چاقىرغان.
خۇا چۈنيىڭ 31-مارت قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويدى. زىيارەت ئوبيېكتى ۋە زىيارەت قىلىدىغان مەزمۇنىنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا مۇستەقىل بېكىتتى. دوكلاتنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەركىن رەتلەپ چىقتى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە ئارىلاشتى، دېگەنلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەسلىدىكى ئىز قوغلاپ سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مەسىلىسىدە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، خۇا چۈنيىڭ: «بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خاتىرە ئۇچۇرى زور مىقداردىكى شەخسىي مەخپىيەتلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈپ، باشقا دۆلەتكە ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ» دېگەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 1-ئايدىن 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە خىتاينىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىر قانچە قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن. تەكشۈرۈش دوكلاتى 30-مارت ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق گۇمانلىق مەسىلىلەرگە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرەلمىگەن.

بۇ خەۋەر 1090 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2021 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق