نورۋېگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى جازا يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىگە قوشۇلدى

نورۋېگىيە كۈندىلىك گېزىتى كلاسېكامپېننىڭ نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، نورۋېگىيە بىر ھەپتە ئىلگىرىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە ئىجرا قىلغان جازا ھەرىكىتىگە قوشۇلغان.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقە مەسلىھەتچىسى سىۋېندسېن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 22-مارت ئېلان قىلغان خىتاينىڭ 11 ئەمەلدارى ۋە تۆت شىركىتىگە قاراتقان جازانى قوللايدىغانلىقىمىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۇقتۇردۇق» دېگەن.
ئالدىنقى سەيشەنبە ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ ئىككى كۈندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان جازا ماقۇللانغان كۈنىلا خىتايمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرى ئېلان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، نورۋېگىيە كارخانا بىرلەشمىسى نورۋېگىيەنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن جازانىڭ نورۋېگىيە شىركەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، دەپ قارايدىكەن.
نورۋېگىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن نورۋېگىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىپ، جازا ئېلان قىلىشىغا بولغان ئەندىشىسى ھەققىدە سوئال سورىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2021 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق