ياپونىيە پارلامېنتىغا دېڭىز-ئوكيان قوغدىغۇچى قىسمىغا قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 31-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى خىتاي يولغا قويغان دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنىغا قارشى دېڭىز-ئوكيان قوغدىنىش قىسمىغا قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كېڭەش ئەزالار بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىدە خىتاي دېڭىز قىرغىقى قوغدىنىش پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ھەرىكىتىنىڭ كۈنسېرى جانلانغانلىقى، خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى خىتاي ئارمىيەسىگە قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بەرگەنلىكى سەۋەبلىك تەھدىتنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكى، ئەمما ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ قورال-ياراغ ئىشلىتىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتايغا قارشى تۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشمىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «دېڭىز قىرغىقى قوغدىنىش قانۇنى» ۋە «قوغدىنىش قىسمى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن. ئەگەر چەت ئەل پاراخوتى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ قالغان تەقدىردە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ، قارشى تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىسا، دېڭىز قىرغىقى قوغدىنىش ئەترىتى قورال ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر سېنكاكۇ ئارىلى ۋە باشقا سىرتتىكى ئاراللار قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا دۇچ كەلگەندە، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوغدىنىش قىسمىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوغداش ھوقۇقى بېرىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2021 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق