خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدىكى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى ھاۋانىڭ سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق بولۇشىغا قارىماي داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىش مەقسىتىدە شەخسىي ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئەتىگەندىلا يىغىلغان نامايىشچىلار خىتاينىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايەتلىرىگە قارشى نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى.
بۈگۈن «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى باشلانغىنىغا 104 كۈن بولغان بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ: «زالىم خىتاي، ئاتا-ئانىمىز نەدە؟»، «قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر قىزى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى، تېررور سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىغانلىقى ھەققىدە رۇس تىلىدا گۇۋاھلىق بەردى.
«ئائىلەم قەيەردە؟» نامايىشى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنكى نامايىشتا ساقچىلار نامايىشچىلارغا قوپاللىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان.
ئالمۇتىدىكى نامايىشتا نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرىتىنى تۇتقان ھالدا، خىتاي كونسۇلخانىسى خادىملىرىدىن ئائىلىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قانچە ياشانغان ئاياللارمۇ بار بولۇپ، بۈگۈن ساقچىلار ئۇلارنى قوپاللىق بىلەن سۆرەپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن يىراقلاشتۇرغان.
خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى يولدىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلگەن بىر ئايالنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ پاسپورتى 2016-يىلى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. شۇندىن بېرى يولدىشى ئايالى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قازاقىستانغا كېلەلمىگەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇ يولدىشى ھەققىدە توختىماي خىتاي كونسۇلخانىسىغا شىكايەت قىلغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ يولدىشىغا تەھدىت سېلىپ: «ئايالىڭ شىكايەتنى توختاتمىسا، سېنى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىشىڭغا مەڭگۈ رۇخسەت قىلمايمىز» دەپ تەھدىت سالغان. يولدىشى ساقچىلاردىن پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ساقچىلار ئۇنىڭغا يەنە: «پاسپورتۇڭنى خالىساق يىرتىپ تاشلايمىز، خالىساق ئەمەلدىن قالدۇرىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1045 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق