خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى زور كۆلەملىك پائالىيەتكە چاقىرىق

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزاسى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى خەلقئارادا «يالغانچىلار كۈنى» دەپ تونۇلغان 1-ئاپرېل كۈندىن پايدىلىنپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسىتىدە، تۈركىيەدىكى يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، «شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» نامىدا «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» شوئارى بىلەن تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى.
نۆۋەتتە پائالىيەتكە 34 دۆلەتتىكى 180دىن ئارتۇق تەشكىلات ئاۋاز قوشقان. پائالىيەتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردا بايانات ئېلان قىلىش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىي قىلمىشلىرى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ھەشتەگ پائالىيىتى تەشكىللەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسي ساھەلەرگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى IHH نىڭ شۆبىلىرىدە ئوخشاش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پائالىيەتتە تۈركىيەنىڭ 21 ۋىلايىتىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىنىدۇ. 22 ۋىلايەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 40 ۋىلايەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەخسۇس تەييارلانغان ماسكا تاقاپ، پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ پىيادە يۈرۈش قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈلىدۇ ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەسۋىرلەنگەن كىتابچە ۋە ماسكا تارقىتىلىدۇ.
پىلانغا ئاساسەن 1-ئاپرېل سائەت 11:00دە ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەتكە خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرى قاتنىشىدۇ.

بۇ خەۋەر 946 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق