ئۇيغۇرلار «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» نامىدا داۋاملىق نازارەت قىلىنماقتا

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» يولغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن خەلقنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۆيىگە «قوشماق تۇغقان» باھانىسى بىلەن كەلگەن خىتايلارنىڭ قاتار سېلىنغان كۆرپىلەردە ياتقانلىقى، يەنە بىر سىندا ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆيىدىكى خىتايلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتقانلىقى، يەنە بىر سىندا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېيىلمەستىن ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتايلار قوشماق تۇغقان باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە يەپ-ئىچىپ، يېتىپ-قوپۇپ، ئۇلارنىڭ نېمىش قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچىش، بىر ئۆيدە يېتىش، بالىلارنى ئۇسسۇلغا سېلىش دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە تۈپتىن زىت بولغان قىلمىشلار ئارقىلىق مەنىۋى جەھەتتىن خورلىماقتا.
بۇندىن بۇرۇن ئاشكارىلانغان سىنلاردا بىر قىسىم خىتاي كادىرلارنىڭمۇ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتتىن زېرىككەنلىكى، بۇنىڭغا قارشى چىقسا جازالىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 993 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق