ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ يەنە بىر مەھسۇلاتىنى چەكلەش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى تاختىسىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش تەكلىپى سۇنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رىك سكوت (Rick Scott)، ماركو رۇبىيو (Marco Rubio)، جون كېنېدى (John Kennedy)قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سەككىز كېڭەش پالاتا ئەزاسى «خىتاينى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن سىقىپ چىقىرىش قانۇن لايىھەسى»نى سۇنغان بولۇپ، بۇ لايىھە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى قۇراشتۇرۇلغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى سېتىۋېلىشنى چەكلەشكە قارىتىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغان ماتېرىيال ۋە ئەمگەك كۈچىگە تايىنىدىكەن.
فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى سىكوت بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ھەرقانداق باج تاپشۇرغۇچىنىڭ پۇلىنى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلغان، ئىتتىپاقدىشىمىز تەيۋەنگە تەھدىت سالغان، خوڭكوڭنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللاشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي بىلەن سودا قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىدىن ۋاز كېچىشىڭىز كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇشقا مەجبۇرلىدى» دېگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى كېنېدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تايىنىپ قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىغا سېتىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 820 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق