ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق فىنلاندىيە شىركىتى ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە چېتىشلىق، دەپ قارالغان فىنلاندىيە شىركىتى ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىنلاندىيەنىڭ ياغاچ بوتقىسى ۋە قەغەز ياساش شىركىتى سىتورا ئېنسو(Stora Enso)يېقىندا يوئېنسۇ شەھىرىدىكى ياغاچ بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ شىركەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قارار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىلگىرى بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئېرىتىلگەن ياغاچ بوتقىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ئەتراپىغا جايلاشقان يېپىشقاق تالا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان دۇنيانىڭ يېپىشقاق تالا سانائىتىدىكى مۇھىم ئورۇن بولۇپ، سىتورا ئېنسو شىركىتى بولسا شەرقىي تۈركىستاننى ئېرىتىلگەن ياغاچ بوتقىسى بىلەن ئاساسلىق تەمىنلىگۈچى شىركەت ئىكەن. خەۋەردە يەنە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، 2017-يىلدىن باشلاپ فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستانغا 367 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئېرىتىلگەن ياغاچ بوتقىسى ئېكسپورت قىلغان.
نۆۋەتتە سىتورا ئېنسو شىركىتى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان. ئەمما بۇ شىركەتنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى بىر پارچە ئېلخەتتە شىركەتنىڭ ئېرىتىلگەن ياغاچ بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىن ۋاز كېچىشنى بۇلتۇرلا قارار قىلغانلىقىنى، بۇ مەزكۇر شىركەت سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمىنىلا ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 2-ئايدا فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن (Sanna Marin )تىۋىتتېر ھېساباتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ۋە باشقا مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى، ئىقتىساد ۋە سودىنىڭ بۇ خىل زوراۋان سىياسەتنى كۆرمەس بولۇۋېلىشقا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق