يېڭى دوكلات: تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىمۇ باستۇرۇشقا دۇچ كەلمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى «تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ۋە خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشتىكى "شىنجاڭ مودېلى"» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ئىلگىرى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا بىر قەدەر كەڭ سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە خىتاي تۇڭگان مەھەللىلىرى ۋە شەخسلىرىگە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئېتىقادى ۋە كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر بارغانسېرى چىڭىتىشقا باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇڭگان مەھەللىلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قويغان چەكلىمىلەرگە ئوخشاپ قېلىشقا باشلىغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە تۇڭگانلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك قاماق مەركەزلىرىگە سولانغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش، مەسچىتتە قۇرئان ئوقۇش، ئۈندىدار ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرىنى باشقىلارغا يوللاش ۋە ئوقۇتۇش، ئىسلامىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، توردا دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش، مەسچىت سېلىشقا مەبلەغ يىغىش، باشقىلارغا قۇرئان ئوقۇتۇش، پاكىستاندا تۇرۇش ۋە پاكىستاندا ئوقۇش قاتارلىقلار تۇڭگانلارنى قاماشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن. بۇلاردىن سىرت، بەزى جايلاردىكى تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەنلىكىمۇ تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئاشكارىلانغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغاندا، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە باستۇرۇش نىشانى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن.
ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 2000-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە پىرېزىدېنتقا يىللىق دوكلات يوللايدىكەن.

بۇ خەۋەر 824 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 12:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق