ياپونىيە سىياسىيونلىرى باش ۋەزىرنى خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە سىياسىيونلىرى باش ۋەزىر يوشىخىدې سۇگانى غەرب دۆلەتلىرىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىدې سۇگا باشقا ئاساسلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر قاتارىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدە بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. ھالبۇكى، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن.
بىلۇمبېرگنىڭ 29-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئىقتىسادىي جازا بېرىشنى خالىماي كەلگەن. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى يوشىخىدې سۇگانى خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.
ياپونىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى (G7) ئىچىدە خىتاينى جازالاشقا قاتناشمىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەن. گېن ناكاتانى ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى خىتاي سىياسىتى گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بولۇپ، ئۇ يېقىنقى بىر قېتىملىق سۆزىدە: «ياپونىيەنىڭ يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى كۆرمەس بولۇۋالغان دۆلەتلەر قاتارىدا بولۇپ قېلىشى نومۇس قىلارلىق بىر ئىش» دېگەن.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا-ياپونىيە باشلىقلار يىغىنى 9-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن بولۇپ، يوشىخىدې ئاقسارايدا پىرېزىدېنت بايدېننى زىيارەت قىلغان تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى بولۇپ قالىدىكەن. 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ تەكلىپ قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يىغىننىڭ كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى بولىدىكەن.
ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشى بار بولۇپ، خىتاي يېقىندا يولغا قويغان دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى ياپونىيەنى جىددىيلەشتۈرگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى زېمىن ماجىراسى ۋە تارىخىي مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن دائىم جىددىي ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇش بولۇپ قالغان تەقدىردە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە زىيان يېتىشى مۇمكىن بولغاچقا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن يۈزتۇرانە توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 884 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق