تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 37 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (30-مارت)

30-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 37303گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 235 مىڭ 298 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 37303 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1376 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 155 كىشى قازا قىلىپ، 19925 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 995 مىڭغا، قازا قىلغانلار 31385كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2055كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 742 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2021 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق