خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى يېڭى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن ئادلەيد شەھىرىدە يېڭى تەسىس قىلىنغان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ خەلقىدىن بولۇپ 400 گە يېقىن كىشى نامايىشقا قاتناشتى.
ئەسلىدە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادلەيد شەھىرىدە خىتاي كونسۇلخانىسى يوق بولۇپ، خىتاي يېقىندا مەزكۇر شەھەرگە كونسۇلخانا تەسىس قىلغان ۋە بۈگۈن كونسۇلخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. بۈگۈنكى نامايىشمۇ دەل كونسۇلخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇدۇللاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
نامايىشچىلار قوللىرىدا لاگېرغا سولىنىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان تاختاي، پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىغان.
نامايىشقا يەنە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتايغا قارشى ھەر خىل پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاش مەمەتھاجى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشقا ئادلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقانلىقىنى، خىتايغا قارشى نامايىشنىڭ كۈچلۈك تەرىقىدە داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە تۈركىيەدە باشلانغان «ئائىلەم قەيەردە؟» نامايىشىنى بۇندىن كېيىن ئاۋسترالىيەدىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى، نامايىش ئارقىلىق خىتاينى ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشكە قىستىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق