خىتاي باش كونسۇلى ئەدەپسىزلىكى سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

بىرلەشمە خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرازىلىيەنىڭ رىيودى ژانىرودىكى خىتاينىڭ باش كونسۇلى لى ياڭ كانادا باش مىنىستىرى تىرۇدونى ئەدەپسىزلىك بىلەن ئەيىبلەپ، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لى ياڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 28-مارت تىۋىتتېر ھېساباتىدا كانادا باش مىنىستىرى تىرۇدونى «كانادانى ئامېرىكىنىڭ يالاقچىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، بۇزۇپ چاچقۇچى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن.
لى ياڭنىڭ ئەخلاقسىز ئۇچۇرىنى كۆرگەن تورداشلار ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولۇپ، بەزىلەر: «لى ياڭنىڭ قوپال سۆزلىرى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە دىپلوماتىيە سەۋىيەسىنى ئاشكارىلاپ قويدى» دەپ تەنقىد قىلغان.
تەنقىد ۋە مەسخىرىگە قالغان لى فامىلىلىك خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، تەنقىد قىلغان تورداشلارنى «ئەجنەبىيلەرنىڭ ئىتى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن.

بۇ خەۋەر 863 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2021 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق