تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى پاش قىلماقتا

 

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى كۈنلەردە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختىلارنىڭ پاختا تېرىش ماشىنىلىرى ئارقىلىق تېرىلىدىغانلىقىنى، ئادەم كۈچى بىلەن تېرىلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ ئىدى. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىلىرىدىكى پاختا ئېتىزلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، پاختا تېرىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ئىكەن. يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، پاختا تەرگۈزۈش ئۈچۈن ئېتىزلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار يوتقان-كۆرپىسىنىمۇ ئېلىۋالغان بولۇپ، كېچىلىرى ئېتىزلىقتا قونۇپ، ئۆيىگىمۇ قايتالماي، ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
يەنە بىر سىندىكى ئۇيغۇرلارنى توشۇپ ئەكەلگەن ماشىنىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، يۈك ماشىنىسىنىڭ كوزۇپى پۈتۈنلەي تۆمۈر رېشاتكا ۋە سىملار بىلەن قەپەسكە ئوخشاش قورشىۋېتىلگەن. ئۇيغۇرلار خۇددى جىنايەتچىگە ئوخشاش توشۇپ كېلىنگەن.
نۆۋەتتە بىر قىسىم خەلقئارالىق شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ۋە پىلانلىق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1833 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2021 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق