تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى يېڭى تەدبىرلەر ئېلان قىلىندى

29-مارت تۈركىيە پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى يېڭى قارارلارنى ئېلان قىلدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەڭ خەتەرلىك رايون دەپ بېكىتىلگەن رايونلارنىڭ 58گە يەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن يېڭىدىن چەكلىمە قارارى ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.
قارارلار تۆۋەندىكىچە:
«ھەركۈنى داۋاملىشىۋاتقان كەچ سائەت توققۇزدىن ئەتىگەن سائەت بەشكىچە بولغان سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى داۋاملىشىدۇ.
رامىزان ئېيىدا 81 ۋىلايەتتە شەنبە، يەكشەنبە سىرتقا چىقىش چەكلىنىدۇ.
رامىزان ئېيىدا ئاشخانا، قەھۋەخانا قاتارلىق ئورۇنلار ئۆيدە زاكاز قىلىش تەرىقىسىدە ئېچىلىدۇ.
رامىزان ئېيىدا يىغىلىپ زوھۇرلۇق يېيىش ۋە ئىپتار قىلىش چەكلىنىدۇ.
ھەپتە ئاخىرى تاللا بازىرى، قاسساپخانا، ناۋايخانا، كۆكتات دۇكىنى قاتارلىق ئورۇنلار ئەتىگەن سائەت ئوندىن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە ئېچىلىدۇ.
ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلىرى، توي مۇراسىمى قاتارلىقلار ئىلگىرى ۋىلايەتلەرگە بېكىتىلگەن قارارلار بويىچە داۋاملىشىدۇ.
ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى بۇرۇنقى قارارلار بويىچە داۋاملىشىدۇ».

بۇ خەۋەر 1147 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق