خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 29-مارت بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.
يىغىندا خىتاي ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى رەت قىلغان H&M قاتارلىق چەت ئەل ماركىلىرىنى «ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلماسلىق» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
يىغىندا يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىن دەپ تونۇشتۇرۇلغان ئالمىرە تۇرسۇن: «خەلقئارالىق تاراتقۇلار تارقىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى، دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسى يوق» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.
H&M ۋە نايك قاتارلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق» دەپ قاراپ، ئىشلىتىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ پىلانلىق بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنىڭ ئىنكار قىلغۇسىز دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارا بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 828 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2021 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق