ب د ت باش كاتىپى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گۇتېررېس كانادا تاراتقۇسى CBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆھبىتى ئەستايىدىل داۋام قىلىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا خىتاينى زىيارەت قىلىش كېلىشىمىنىڭ تېزدىن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
گۇتېررېس يەنە: «خىتاي ماڭا كۆپ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلدى. بىزگە نىسبەتەن ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خالىغان رايونغا كىرىپ زىيارەت قىلىشى ناھايىتى مۇھىم» دېگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئىشەنچلىك دوكلاتلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet)ئالدىنقى ئايدا مەزكۇر دوكلاتلارنى ئەتراپلىق ۋە مۇستەقىل باھالاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 2-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى سۆھبەت باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي بىلەن تېخى بىرلىككە كېلەلمىگەن.
ئۇ يەنە: «گەرچە مېنىڭ بۇ يىل يازدا خىتايغا بېرىش پىلانىم بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى توختىمايدىكەن، مەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىشنى توختاتمايمەن» دېگەن.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2021 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق