تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 32 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (29-مارت)

29-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 32404گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 225 مىڭ 511 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 32404 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1325 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 154 كىشى قازا قىلىپ، 18015 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 975 مىڭغا، قازا قىلغانلار 31230غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1998گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 616 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2021 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق