قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى نامايىشتا 20 كىشى قولغا ئېلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 27-مارت قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
نامايىشنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن قازاقىستان دېموكراتىيە ھەرىكىتى ۋە قازاقىستان دېموكراتىك پارتىيەسى تەشكىللىگەن. نامايىش رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى كەم دېگەندە 20 كىشى قولغا ئېلىنغان، نامايىش رايونىدىكى ئىنتېرنېت تورىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن.
نامايىشقا قاتناشقۇچىلار قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بىرلەشمە كارخانا قۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ قازاقىستانغا ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. نامايىشچىلار يەنە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىككە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا قارشى نامايىش پايتەخت نۇرسۇلتان ۋە ئورال، چىمكەنت، ئاقتۆبە قاتارلىق شەھەر، رايونلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 977 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 19:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق