ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىگە قارشى نامايىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملاشماقتا

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پىلانلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنى بايقۇت قىلىش بىرلەشمە نامايىشى نۆۋەتتە 4-ھەپتىسىگە قەدەم قويدى.
يېقىنقى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماشىنىسازلىق شىركىتى ۋولكىس ۋاگېننىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خىتاي ساقچى قىسىملىرىنى ماشىنا بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكى تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى قوزغىغان ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنى بايقۇت قىلىش بىرلەشمە نامايىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋولكىس ۋاگېننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان باشقا خەلقئارالىق شىركەت-كارخانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بولغان.
نۆۋەتتە بىرلەشمە نامايىش 14 تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئون نەچچە دۆلەتتە 20 دىن ئارتۇق ئورۇندىكى ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ سېتىش نۇقتىلىرىدا داۋاملاشماقتا. جۈملىدىن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نامايىشقا ئاۋاز قوشۇپ، 27-مارت شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ سېتىش مەركىزىدە نامايىشىنى داۋاملاشتۇرغان.

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق