خىتاي خاككېرلىرى ئىستىقلال تور بېكىتىگە قارىتا ھۇجۇمنى كۈچەيتمەكتە

يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشتا ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستىقلال خەۋەرلىرى (ئۇيغۇرچە) ۋە تۈركىستان پىرەس (تۈركچە) تور بېكىتىمىز خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئىزچىل ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ ھۇجۇم تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.
تور بېكىتىمىزنى بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈندىن بېرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئىككى تور بېكىتىمىزگە قىلغان ھۇجۇمى تېخىمۇ كۈچەيگەن. مەسئۇل خادىملار نۆۋەتتە تۈركچە خەۋەر تور بېتىمىزنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا. شىركەتنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل خىزمەتچىلىرى تور بېكىتىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبلىك، مەزكۇر شىركەت مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان باشقا تور بېكەتلەرنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستىقلالنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە خەۋەر تورى بېتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق تېررور سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئاراغا پاش قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1069 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق