خىتاي تاراتقۇلىرى: جىنايەت ئۆتكۈزسىڭىز ئائىلىڭىزدىكىلەرمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوشۇپ جازالاش» سىياسىتىنى ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە بۇنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئورگان تاراتقۇ سۇپىسىدا تارقىتىلغان بىر سىندا بۇ ھەقتىكى ساۋاتلار تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر ئائىلىدىن بىر كىشى جىنايەت سادىر قىلسا، ئۇ كىشى سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسى، خوتۇن-بالىلىرى قاتارلىق بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئوقۇش، ئىمتىھان بېرىش، كەسىپ تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى، سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. سىندا يەنە خىتاي قانۇنىدا بۇ توغرۇلۇق ئېنىق بەلگىلىمە يوقلۇقى، ئەمما «قانۇن ئىجرا قىلىش» جەريانىدا بۇنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقى قىلچە يوشۇرۇلماستىن، ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوشۇپ جازالاش» دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلارغا زىت بولغان قىلمىش بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1333 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق