خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكا دوللىرى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايرىلىشنى تېزلەتمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا دوللىرى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايرىلىش قەدىمىنى جىددىي تېزلەتكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف بۇ ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئامېرىكا دوللىرى ۋە غەرب كونتروللۇقىدىكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا تايىنىشنى ئازايتىپ، غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىنى ئازايتىشقا چاقىرغان.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكا دوللىرىغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل تىرىشقان بولۇپ، يېقىندا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى قاتارلىق خەلقئارالىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي، ئامېرىكا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشكە تۇتقان پوزىتسىيەسى پەسەيمىگەن. شۇڭلاشقا خىتاي بىلەن رۇسىيە خىتاي-ئامېرىكا ئالياسكا ئۇچرىشىشى ۋە خىتاي -رۇسىيە ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى يىغىندا، ئامېرىكا دوللىرى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايرىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى قارار قىلغان.
رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى يۇتۇۋېلىش ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، رۇسىيە ئۆكتىچىلەر رەھبىرى نارۋانىنىڭ زەھەرلىنىش مەسىلىسىدە يەتتە رۇسىيە ئەمەلدارى ۋە 14 ئورگان ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇلاردىن سىرت، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە ۋە كانادا 22-مارت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۈنۈملۈك جازا يۈرگۈزۈلۈشىدىكى كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا دوللىرى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايرىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە تىرىشقان.

بۇ خەۋەر 719 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق