سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى بىر قاتار زىيارەتلەردە بولدى

26-مارت سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ھەيئىتى دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ يېتەكچىلىكىدە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ قەھرىمانماراش شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى ئادۋوكات يۈسۈف بۇلبۇل ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
زىيارەت جەريانىدا IHH نىڭ تەشكىللىشى بىلەن 1-ئاپرېل تۈركىيە ۋە خەلقئارادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «چاقچاق ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن تېمىدىكى كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتنىڭ قەھرىمانماراشتىكى پىلان ۋە تەرتىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى رەئىسى، 15-ئىيۇل شېھىتلەر ئىمام-خاتىپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى مۇدىرى مەمدۇھ كايىكلىكنى زىيارەت قىلدى. سۆھبەت جەريانىدا مەمدۇھ كايىكلىكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەكتەپتىكى 200گە يېقىن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى. ئاخىرىدا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان «تۈركىستاندىن كەلگەن مەكتۇپ» ناملىق قىسقا فىلىم قويۇلدى.
ھەيئەت ئارقىدىن يەنە قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور نىيازى جاننى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. ھەيئەت يەنە مۇدىرغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى مەسىلىسى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە دوكتور نىيازى جاننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان ياردەملىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قەھرىمانماراش شۆبە مەركىزىدە، شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەچلىك چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سۆھبەتكە قەھرىمانماراش يەتتە قىتئە خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتتىق قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
ھەيئەت 27-مارت يەنە تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ قەھرىمانماراش شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى شۆبە مەسئۇلى ئادۋوكات كامال ياۋۇز كۈتۈۋالدى. ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، شۇنداقلا تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1293 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق