تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 29 مىڭدىن چۈشمىدى (28-مارت)

28-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 29058گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 220 مىڭ 109 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 29058 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1305 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 153 كىشى قازا قىلىپ، 17164 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىليون 957 مىڭغا، قازا قىلغانلار 31076گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1968گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 662 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2021 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق