خىتاي ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ئەنگلىيەنىڭ تۆت ئورگىنى ۋە توققۇز شەخسنى جازالىدى

ئامېرىكا خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى 26-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىيېن دانكىن سىمىس(Iain Duncan Smith)، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق تۆت ئەنگلىيە ئورگىنى ۋە توققۇز شەخسنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ جازا يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يۈرگۈزگەن بىر قاتار ماس قەدەملىك جازالاردىن ئۆچ ئېلىش ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە شەخسلىرى ئىچىدە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر مۇستەقىل سوت مەھكىمىسى ۋە ئېسسېكس ئادۋوكاتلىق ئورنى قاتارلىق ئۈچ ئورگانمۇ بار ئىكەن.
خىتاي باياناتىدا: «ئەنگلىيە شىنجاڭ مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، يالغان ئۇچۇرلارنى ئاساسىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىنى بىر تەرەپلىمە جازالىدى. ئەنگلىيە بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە خىلاپلىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ بىلجىرلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جازالىماقچى بولغان ئەنگلىيەنىڭ ئورگانلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن. شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ جازا ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيە ئورگانلىرى ۋە شەخسلەر بىلەن سودا ۋە ئالاقە قىلىشىنى چەكلەيدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا يەنە تەھدىت سېلىپ: «ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسىدە تەۋرەنمەيمىز، ئەنگلىيە تەرەپنى خاتا يولدا داۋاملىق ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرىمىز» دېگەن.
سىمىس تىۋىتتېردا خىتاي ئېلان قىلغان جازاغا جاۋاب بېرىپ: «بىزنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى سۆز قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئەگەر مەن خىتاينى غەزەپلەندۈرەلىگەن بولسام، بۇ مەن ئۈچۈن شەرەپلىك ئىش. مەن ئۇ شەرەپ مېدالىنى قوبۇل قىلىمەن» دېگەن
نىيۇكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇرشۇناس جو سىمىس فىنلېي (Jo Smith Finley)مۇ خىتاينىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ تىۋىتتېردا: «مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر پاجىئەسى ھەققىدە ھەقنى سۆزلىگەنلىكىم ۋە ۋىجدانىم بىلەن ھەق تەرەپتە تۇرغانلىقىم سەۋەبلىك، خىتاي تەرىپىدىن جازا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدۈم. بۇ سەۋەبلىك مەن پۇشايمان قىلمايمەن، سۈكۈت قىلماي داۋاملىق ھەقنى سۆزلەيمەن» دېگەن.

بۇ خەۋەر 743 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2021 23:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق