«مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى 100-كۈنىگە قەدەم قويدى

ئۇزۇندىن بۇيان «مىللەت نۆۋىتى» نامى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىش 100-كۈنىگە قەدەم قويدى.
بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېتىپ بارغان ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، «زالىم خىتاي، ئاتا-ئانىمىز نەدە؟»، «قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركىيە خەلقىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
بۈگۈنكى نامايىشتا «ئوسمانلى موتوسىكلىت كۇلۇبى»نىڭ ۋەكىللىرى نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى.
خەلقئارادىكى ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن بىر پەيتتە، خىتاي يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ، خەلقئارا جامائەتتىن جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن ئاددىي سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2021 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق