ئامېرىكا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى تۇرغان شىركەتلەرگە ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىكىنى قارار قىلغان خەلقئارالىق شىركەتلەرگە ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى پورتېر قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى ھەق تەرەپتە تۇرغان خەلقئارا شىركەتلەرگە ئىلھام بېرىپ: «خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقاتى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە شىركەتلىرىنى نىشانلىدى. بىز ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىدىغان، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تەمىنلىمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغان شىركەتلەرنى قەدىرلەيمىز ۋە قوللايمىز» دېگەن.
ئۇ يەنە: «بىز شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچى پىرىنسىپى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىنى قوللايمىز ۋە ئىلھام بېرىمىز» دېگەن.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئاقساراي باياناتچىسى ساكى: «خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ خۇسۇسىي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا تايىنىشىنى قورال قىلىپ، سۆز ئەركىنلىكى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئۇيغۇن سودىنى چەكلىشىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى كۈچلۈك پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. بىر قىسىم چەت ئەل شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھەق تەرەپتە تۇرغان مەزكۇر خەلقئارالىق شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى قوزغالغان.

بۇ خەۋەر 817 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2021 13:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق