مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى چىققان شىركەتلەر خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى سەۋەبلىك، خىتايدىكى ئورگان تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ پىلانلىق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى H&M خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە كەمسىتىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقانداق كىيىم-كېچەك شىركىتى ۋە كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتمايدىغانلىقىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە، خىتاي H&M گۇرۇھىنى تور سودا سۇپىلىرىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتكەن. ھەتتا بەيدۇ خەرىتىسىدە H&M دۇكانلىرىنىڭ ئورنى كۆرۈنمەيدىغان قىلىۋەتكەن.
H&M گۇرۇھى شىۋېتسىيەنىڭ خەلقئارالىق كىيىم-كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى بولۇپ، خىتايدىمۇ ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن نايك، ئادىداس، يۇنىكلو، پۇما قاتارلىق ماركىلارمۇ خىتايلارنىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلانغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەنتەربىيە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى نايك شىركىتىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن پاختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ھەم سېتىۋالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتايدا زور ئىنكاس قوزغىغان.
خىتاي ئىجتىمائىي ئۇچۇر سۇپىسى تىك-توكتا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ھەرقايسى دۇكان ۋە سودا سارايلىرى H&M، نايك قاتارلىق ماركىلارنىڭ خىتايدىكى ئېلانلىرىنى، سېتىش مەركەزلىرىنىڭ پىلاكاتلىرىنى سۆكۈپ ئېلىۋەتكەن. خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نامىدا مەزكۇر ماركىلارنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە ئۆزلىرى سېتىۋالغان شۇ ماركىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى يىرتىپ، كېسىپ تاشلىۋەتكەن سىنلارنى كۆپلەپ تارقاتقان. خىتاينىڭ داڭلىق چولپانلىرىمۇ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئاۋاز قوشۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى»نى قوللايدىغانلىقىنى، مەزكۇر شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جار سېلىشقان.
خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇسى يەر شارى ۋاقىت گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، غەرب شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە «ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن» مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتايدىن كېلىدىغان ئىنكاسنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا تىلغا ئالغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرلانمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنى ئايرىپ قاراش ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەسسىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 892 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2021 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق